Uyghur主要词典
ئورۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەت - يېغى ئاز، مۇسكۇلى تولمىغان.
<ئىنجەج> ئىلى شېۋىسىدە، <قوتۇر> تۇرپان شېۋىسىدە، <ئىنجا>، <قىرتۇ> قومۇل شېۋىسىدە، <ئاۋۇغاي> لوپنۇر دىئالېكتدا، <شىداق> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<ئورۇق> ھايۋانغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، قالغانلىرى ئادەمگە قارىتىلغان. <ئىن
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق. ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى يوغان. جۈدەڭ بوي چىرايلىق بولمىسىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىڭنە يېگەن ئاۋاق. ئۇ شۇنداق ئاۋاقكى، پىچاق بىلەن قىرساڭمۇ، بىر ئوچۇم گۆش چىقمايدۇ. ئىنجىمارۇققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ياداڭ يايرايدۇ. ئىچى يامان ياداڭغۇ كېلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەدىنىدە گۆش - ياغ ئاز، ئەت - ياغسىز.
سېمىز، پور
بەدىنىدە گۆش - ياغ كۆپ.
ئات ئورۇق بولسىمۇ بولسۇن، يېغىر بولمىسۇن، گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بولسۇن، بېغىر بولمىسۇن. ئاۋاق ئالما يېسىمۇ بېرى شۇ. ياداڭ ياردىن غۇلىسىمۇ ھېچگەپ يوق. جۈدەڭ خوتۇن جورىسىنى تويدۇرار. ياداڭغۇدىن يار بويى قاچ. ئانام بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. سېمىزنىڭ پۇتى سەككىز. سېمىز ئۇرۇقلىغۇچە ئورۇق جان ئۈزەر. پور يىگىت - دەرەخنىڭ پورى، مەيلى، ئۆزىنىڭ شورى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چىغىر يول، تار يول، كىچىك يول
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يول، چارە، ئىمكان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەت قونمىغان، سەمرىمىگەن، سېمىز ئەمەس.
ئىككى دېھقان بىر ئورۇق ئېشەكنى ھەيدەپ باجگىرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
يېتىلمىگەن.
ئورۇق دان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئورۇش ئىشى، ئورۇش.