Uyghur主要词典
ئورمان قەلەندەرلىرى
دۇنيا تارىخى
16ئەسىردىكى نېدىرلاندىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلدە، قۇرۇقلۇقتىكى پارتىزانلارنىڭ لەقىمى. قەلەندەر دېگەن سۆز فرانسۇزچە <gueux> تىن كېلىپ چىققان. ئۇلار ئاساسەن قول سانائەتچىلەر، ئىشخانا ئىشچىلىرى ۋە دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، فلاندېرىس قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قېلىن ئورمانلىقىنى بازا قىلىپ، ئىسپانىيە قوشۇنىنىڭ ئۇششاق ئەترەتلىرىگە ئۇشتۇمتۇت زەربە بەرگەن، خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەن كاتولىك پوپلىرىنى ئۆلتۈرگەن.