Uyghur←Chinese主要词典
ئورمانلىق قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنى
领域: بىئولوگىيە森林古猿
sēnlíngǔyuán
<ئورمانلىق مايمۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى بولۇپ، 5 ~ 20 مىليون يىل ئىلگىرى بۈك - باراقسان تروپىك ئورمانلىقلىرىدا ياشىغان. غەربىي ياۋروپا، مىسىر ۋە ھىندىستاننىڭ ميوتسىن سىستېمىسى ۋە پليوتسىن سىستېمىسىدىكى يەر قاتلاملىرىدىن ئۇنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى، چىش، تۆت ئەزا سۆڭەكلىرى قاتارلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى تېپىلغان. ئورمانلىق قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنى ئون نەچچە خىل بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى شىمپانزا، گورىللا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى، 1956 - يىلىدىن كېيىن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن دېگەن يېرىدىنمۇ ئون تال چىش تېپىلغان بولۇپ، كەييۈەن ئورمانلىق قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنى دەپ نام بېرىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。