Uyghur主要词典
ئوردۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەسكەر، قوشۇن چۈشىدىغان لاگىر، قارارگاھ:
ئول مەھى خىرگەھنىشىننىڭ ئاستانىن مەندىن ئۆپ،
ئەي نەۋائى، ھەر قەچان مەيل ئەيلەسەڭ ئوردۇ سارى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە ئىجرائىي ئورگانلىرى ئورۇنلارشقان شەھەر.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتىختى _ بېيجىڭ. ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئاستانىسى تۇرپان ناھىيىسدىكى ئاستانە يېزىسى ئىدى. قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق ئوردۇسى بالاساغۇن، قىشلىق ئوردۇسى قەشقەر ئىدى.
شىۋىلەر
چاشقان ۋە كۈسۆتىكىگە ئوخشاش يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوردا، خان شەھىرى.
بۇنىڭدىن ئېلىنىپ، خاقانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھىرى « ئوردۇ كەند _ ئوردۇكەنت» دېيىلىدۇ.
1 - 168
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوردۇ.
بالاسانغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاسانغۇن شەھىرىمۇ « قۇز ئوردۇ _ قۇز ئوردۇ» دېيىلىدۇ.
1 - 168
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوردۇ باشى _ ئوردا بېشى، خاقاننىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغۇچى.
1 - 168
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوردۇ.
چاشقان ۋە كۈسۈتكىگە ئوخشاش يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىنى، ئۇۋىسى.
1 - 168
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوردۇ تال. تۈك چۈشۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ھاك ئارىلاشمىسى. بۇ سۆز ئىككى تىلنىڭ بىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 168