Uyghur主要词典
ئوردان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىدا تەتۈر ئۆسكەن تىكەنلىرى بولىدۇ، يىلتىزى سارغۇچ قىزىل بولۇپ، كونۇس شەكلىدە، يوپۇرمىقى يۈرەك ياكى تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. ئايلىنىپ ئۆسىدۇ. گۈل تاجى سېرىق، مېۋىسى شارسىمان، رەڭگى قىزىل ياكى قارا كېلىدۇ. يىلتىزىنى قىزىل بوياققا ماتېرىيال قىلىشقا ياكى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش ۋە توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.