Uyghur主要词典
ئوقلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مىلتىق، تاپانچا، ئاپتومات، ئوقيا قاتارلىق ئېتىش قوراللىرىغا ئوق سېلىپ ئاتقۇدەك قىلماق.
ئۇ تۆپىلىككە يامىشىپ چىقىپ كېتىۋېتىپ ئاپتوماتنى ئوقلىدى.
ھارۋا، ۋېلىسىپىت قاتارلىق ئوق بېكىتىلىدىغان قاتناش قوراللىرىغا ئوق بېكىتمەك، ئوق ئورۇنلاشتۇرماق.
بىز ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن يەنە يولغا چۈشتۈق.