Uyghur主要词典
ئوقەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاۋار ئالماشتۇرۇش، ئېلىش - سېتىشقا باغلىق مۇئامىلە.
دەسلەپكى سودىدىن يانما. سودا ساقال سىيپىغۇچە. سودىدا دوست يوق. تىجارەتنىڭ يېرىمى يالغانچىلىق. قازىئاخۇنۇم ئوقەتنىڭ كويىدا، قۇشناچىم پەردازنىڭ كويىدا. سودا - سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس. ئالسات ئامانەتنى بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تىرىكچىلىك، ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەر.
ئۇلارنىڭ ھال - ئوقىتى خېلىلا ياخشى ئىدى.
تىرىكچىلىككە زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ تىجارەت.
مەن بۈگۈنكى ئوقىتىمدىن خېلىلا مەمنۇن بولدۇم.