Uyghur主要词典
ئوق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئوقيا، كامان، ساداقلاردىن ئېتىلىدىغان نەيزە. "ئوقدان. * ئالدىغا ئوقتەك ئېتىلىپ بارماق.
2. جەڭ قورللىرىدىن، قورال - ياراغلاردىن ئېتىلىغان ھەر خىل پاترونلار، سنارەدلار." مىلتىق ئوقى، زەمبىرەك ئوقى، پىلىموت ئوقى. * ئوق يارىسى، ئوق ئاۋازى، ئوق - دورا. * غايىب ئوق تەگمەك. * ئوقنىڭ كۆزى يوق (ماقال).* ئوقنىڭ كۆزى يوق (ماقال).* ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەس (ماقال). * ئېيتىلغان سۆز - ئېيتلغان ئوق (ماقال).* ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ نېرى كېتەر (ماقال). * ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرەر، چىچالمىغان پوقىدىن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئىككى چاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان قاتتىق ياغاچ ياكى مېتال.
ھارۋىنىڭ ئوقى. * ماشىنىنىڭ ئوقى.
2. ئايلىنىدىغان جىسىم قۇتۇپلىرىنى بىرلەشتۈرگۈچى تىك سىزىق، شۇ سىزىق جايلاشقان يەر. يەر شارى ئوقى. * يەر ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ھەر بىر ئايلىنىشتىن كېچە - كۈندۈز ھاسىل بولىدۇ.
3. نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈرى. ئوق يىلتىز. * ئوق ئېرىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىراس تەقسىماتىدا ھەر بىر ئۆلۈش، ھەسسە.
مىراس ئۈچ ئوق قىلىنىپ، ئىككى ئوق ئوغۇلغا، بىر ئوق قىزغا بېرىلىدى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دەل، خۇددى:
ئەزەلدىن ئوق كۆڭۈل نەقدى نىسارى ئىشق ئولغاندۇر،
ئەمەس ھاجەت پەرىلەرگە كىم ئولدى بولماق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دەل، خۇددى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىلتىق، زەمبىرەكلەرگە سېلىپ ئاتىدىغان زەھەرلىك نەرسە.
<ئوق> مىلتىق، تاپانچىلاردىن ئېتىلىدۇ.
<سىنارەد> زەمبىرەك ئوقى.
ئاتقان ئوق - چىققان كۆز. ئاتقان ئوقنىڭ ھەممىسىنىڭ نىشانغا تېگىشى ناتايىن. سىنارەد توپلاشقانغا ئاسان تېگىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ھەسسە، ئۈلۈش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوق.
1 - 52
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوق؛ ئۇۋۇق.
ئەۋ ئوقى _ ئوينىڭ تىرەك ياغىچى. ئوق يىلەن _ ئوق يىلان، ئادەمگە ئېتىلىدىغان يىلان.
1 - 52
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوق،ئۈنچە، ئۇلۇش، ھەسسە.
يەر ۋە باشقا مۈلۈك تەقسىماتىدا تېگىدىغان ئۈلۈش.
1 - 52
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پىئېللادا تەكىت ئۇلانمىسى. بەرغىل ئوق _ باغىن - ھە، بارغىن جۇمۇ.
1 - 53
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
رەۋىشكە قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۇلانما، بەيا ئوق كەلدىم _ بايىلا كەلدىم. ئەمدى ئوق ئەيدىم _ ئەمدىلا ئېيتتىم.
1 - 53
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوق، ئونچە، ئۈلۈش، ھەسسە.
مىراس تەقسىماتىدا تېگىدىغان ئۈلۈش. ئاڭا بىر ئوق تەگدى _ ئاڭا (مىراستىن) بىر ئوق تەگدى.
1 - 66
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يايغا قويۇپ ئېتىلىدىغان، ئۇچى نەيزە شەكىللىك، ئۇزۇن، ئىنچىكە تاياقچە.
ساداقتىكى ئوق.
<ھەرب> مىلتىق، تاپانچا، پىلىمۇت، زەمبىرەك قاتارلىقلارغا جايلاشتۇرۇپ ئېتىلىدىغان، ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇچۇپ بېرىپ نىشانغا تېگىدىغان ۋەيران قىلىش، ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە نەرسە.
ئۇق ئاتماق. ئوق ئۈزمەك. ئوققا تۇتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <ماشىن> تۈۋرۈك شەكىللىك دېتال. چاق ياكى باشقا ئايلىندىغان بۆلەكلەر ئۇنى بويلاپ ياكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ.
ھارۋا ئوقى. چاقنىڭ ئوقى.
ئى <مات> تەكشىلىك ياكى گېئومېتىرىيلىك شەكىلنى سىممېترىيىلىك بۆلەكلەرگە بۆلىدىغان تۈز سىزىق.
ئى. بىرەر جىسىمنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان تۈز سىزىق.
يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 29.8 كىلومېتىر.
سۈپ. كۆچمە. توغرا يۆنەلگەن، ئاساسىي؛ تىك.
ئوق ئېرىق. ئوق يىلتىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۈلۈش، تەڭ بۆلەك.
ئۈچ ئوق بولۇپ ئۆلۈشمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوق، ئوقتەك تېز، چەبدەس، ئۆتكۈر كىشى.