Uyghur主要词典
ئوغىسى قاينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كوڭلىگە ياقمىغان ئىش - ھەركەتكە قارىشى نەپرەت تۇيغۇسىدىن تېرىكمەك، ئۇرۇشقۇسى، تاكاللاشقۇسى كەلمەك.
ئاچچىقىڭ كەلسە، لېۋىڭنى چىشلە. ئاچچىقى تۇتقاننىڭ ئالدىدىن كەت. غەزىپى كەلگەننىڭ غەيرىتى قاچىدۇ. غەزىپىڭ تۇتسا، كۆككە قارا. زەردىسى قاينىسا زەھەرلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ ئۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئوغىسى قاينىدى. ئۇنىڭ بىردەمدىلا قېنى قىزىپ، نېرۋىسى ئۆرلەپ كەتتى. جەھلى قاتقانغا جېنىمۇ كۆزىگە كۆرۈلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قاتتىق ئاچچىقى كەلمەك، غەزەپ - نەپرىتى ئۆرلىمەك، ئاچچىقىلانماق، غەزەپلەنمەك: پەزىلەتنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆرۈپ، زامانقۇلنىڭ ئوغىسى قايناپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.