Uyghur主要词典
ئون ئىككى ئىمامچىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئاساسلىق تارماق مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىمامچىلار ياكى ئەنئەنىۋى شىئەلەر دەپ ئاتايدۇ. ھەزرىتى ئەلىنى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى ئون ئىككى ئادەمنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى، دەپ قارىغانلىقتىن، شۇنداق ئاتالغان. شىئە مەزھىپى ئىچىدە بۇلارنىڭ ئادىمى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى كەڭ مەزھەپ ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي ۋە دىنىي ئەقىدە جەھەتتە زەيدىلەردەك سۈننىي مەزھىپىگە يېقىن بولمىغانلىقى ھەم ئىسمائىلىيەلەردەك مىستىتسىزملىق خاھىشتىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن مۆتىدىللەر ياكى بىتەرەپلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىئە مەزھىپى شەكىللەنگەندن كېيىن، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ باستۇرۇشىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۇزۇنغىچە جايلاردا چېچىلىپ، مەخپىي پائالىيەت قىلىپ، مۇستەقىل راۋاجلاندى. كېيىن ئىچكى قىسىمدا سىياسىي تەشەببۇس، دىنىي ئەقىدە، ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن، كەيسانىيە، زەيدىيە، ئىسمائىلىيە قاتارلىق مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ، كېتىپ، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مەزھەپلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شىئە مەزھىپىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ئون ئىككى ئىمامچىلار بولۇپ شەكىللەندى، ئۇ شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدە پرسىيە ۋە ئىراقنى پائالىيەت مەركىزى قىلدى. ئادەتتە شىئە مەزھىپى دېگەندە، ئون ئىككى ئىمامچىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
Ⅹ ئەسىردە ئون ئىككى ئىمام نەسەبى تىكلەندى ۋە ئەقىدە تەلىمات سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇ مەزھەپنىڭ ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى دەسلەپكى مەزگىلدە بېكىتىلمىگەندى. كېيىن مۇشۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەزھەپ ئەمەل قىلغان ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ ئون ئىككى ئىمامنىڭ كۆپىنچىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن. ئون ئىككىنچى ئىمام مۇھەممەد مەھدى 878 - يىلى سامەررا جامەسىنىڭ غارىدا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى بولمىغاچقا، ئىمامنىڭ ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بۇ مەزھەپ ئۇنى <غايىب بولغان ئىمام>، <مەھدى> دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىمالىرى ئون ئىككى ئىمام نەسەبىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئەل مۇتەۋەككىل ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شىئە مەزھىپىگە قارشى تۇرۇپ، شىئە مەزھىپى ئىچىدە مۆتىدىل تەشەببۇستا بولغان ئۆلىمالارنى ئەقىدە تەلىماتىنى تەتقىق قىلىشقا، ئۆز مەزھىپىنىڭ كۆز قارشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشقا قىستايدۇ. ئىمامچىلار نامى تەخمىنەن 009 - يىللاردا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. Ⅹ ئەسىردە ئىمامچى ئۆلىمالا شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى تارماقلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئەقىدە تەشەببۇسلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىن چەتنەپ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن تەشەببۇسلىرىنى شاللىۋېتىپ، مۇشۇ مەزھەپ سىستېمىسىنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىبنى مۇسا نۆبىھتى (؟ - 922) يازغان <شىئە مەزھىپىدىكى مەزھەپلەر كىتابى> دا ئىمام ئەقىدىسىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەزھەپنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ئەقىدە تەلىماتىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سېلىپ بېرىدۇ. مۇھەممەد كۈلەينى (؟ - 940) <ئەل كافى فى ئىلمىد دىن> ناملىق ئەسەر تۈزۈپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىس ۋە تەپسىرنى توپلاپ، بۇ مەزھەپكە فىقھەنىڭ كىتابى ئاساسىنى يەتكۈزۈپ بەردى.
شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان پرسىيىدىكى بۇۋەيھىيەلىكلەرنىڭ باشلىقى ئەھمەد موئىز دەۋلە قوشۇن باشلاپ باغداتقا بارغاندىن كېيىن، بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلپىسىنى تىزگىنلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، شىئە مەزھىپى قوغدىلىپ قېلىپ، تەرەققىي قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. باغدات بۇ مەزھەپنىڭ ئىلمىي مەزكىزى بولىدۇ. ئەھمەد موئىز دەۋلە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدە ئاشۇرا كۈنى (ھۈسەين شېھىت بولغان ھىجىرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) ۋە قەدرۇم كۈنى (ھەزرىتى ئەلىنىڭ خاتىرە كۈنى، ھىجىرىيە 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) نى رەسمىي بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ئەزدۇد دەۋلە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نەجەفتە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەبرىسى ۋە كازىمىيەنىڭ يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى ئىماملىرىنىڭ قەبرىگاھلىرىنى ياساتتى. كەربالا، نەقەف، كازىمىيە، مەشھەد، قۇم قاتارلىق جايلاردىكى ئىماملارنىڭ قەبرىگاھلىرىنى تاۋاپ قىلىشنى بەلگىلىدى. سۇلالە شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي تەبلىغاتچىلارنىڭ مۇھىم شەھەرلەردىكى مەسچىتلەردە ۋەز ئېيتىپ دىننى تەرغىپ قىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئون ئىككى ئىمامچىلار ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ۋە پرسىيىنىڭ بەزى رايونلىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدى. ئۇلار شىئە مەزھىپىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت ھەدىس كىتابنى توپلىدى. بۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى سۈننىي مەزھىپنىڭ كۇتۇبى سىتتە (ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابى) دىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن، رىۋايەت قىلغۇچىلار ئوخشىمايدۇ. ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رىۋايەت قىلىپ بەرگەنلىرى ئاساس قىلىنغان. بۇ ھەدىسلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى توپلانغاندىن باشقا، ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىمۇ توپلانغان. ئۇسۇل ئەربەتە (تۆت ھەدىس شېرىپ) نىڭ كىتاب قىلىنىشى بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە ئىلمىي فىقھەسىگە بىرلىككە كەلگەن كىتابى ئاساس بولغان. Ⅸ ئەسىردە بۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىمالىرى بۇرۇنقى ئىمام ئەقىدىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەرتى ئاستىدا، بۇرۇن ئاللا ئادەمگە ئوخشايدۇ ۋە روھ تەندىن تەنگە يۆتكىلىدۇ، دېگەندەك چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەردىن ۋاز كېچىپ، مۇئتەزىلىلەرنىڭ ئىدراكچىلىقىنى ئەقىدە ئاساسى قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ مۇفىل (؟ - 1022)، شەرىف مۇرتەزا (؟ - 1044)، ئىبنى ئەلى تۇشى (؟ - 1067) قاتارلىق مۇتەكەللىمۇنلىرى ئىدراك ۋە <ۋەھىي> نى ئەقىدە ۋە شەرىئەتنىڭ ئورتاق ئاساسى قىلىشنى تەكىتلىدى. سالجۇقىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا شىئە مەزھىپىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىمالىرى نەجەف، ھىرا، ھەلەب، ئىسفاھان ۋە قۇم قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئەقىدە، شەرىئەت ۋە تەپسىر تەتقىق قىلىپ، كىتاب يېزىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلمىنى داۋاملاشتۇردى. موڭغۇل ئىلىكخانلىقى دەۋرىدە خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ھۆكۈمرانلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقتىن، شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مىستىتسىزمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ دىنىي تەلىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرغۇن ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقتى. بۇ مەزھەپنىڭ مۇتەككەللىمونى، مۇنەججىمى نەسىرۇددىن مۇھەممەد تۇسى (؟ - 7412) خانلىقتا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى، <ئېتىقاد تەھلىلى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى؛ مەشھۇر فەقىھ تەجىمىددن جەئفەر بىننى يەھيا (؟ - 1325) <ئىسلام شەرئىتى> ناملىق ئەسەرنى يازدى؛ ئۆلىما ئەللامەئەل ھىلىلى (؟ - 1325) دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى.
پرسىيىدە 1502 - يىلى سەفەۋىيە سۇلالىسى قۇرۇلۇپ، ئىسنائەشەرىيە (ئون ئىككى ئىمامچىلىق) دۆلەت دىنى قىلىندى. سۇلالە بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدە، شەرىئەت ۋە سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى مەمۇرىي ۋاستىلەر بىلەن كېڭەيتىپ، سۈننىي مەزھىپىنى باستى ۋە بۇ مەزھەپكە زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، پرسىيىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئىسنائەشەرىيەگە ئۆتۈپ كەتتى. شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇلار جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىقى ۋ قازىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلدى، شاھلارنىڭ دىنىي ياردەمچىسى قىلىنىپ، ئۇلارغا <شەيخۇلئىسلام> نامى بېرىلدى. بۇ دەۋىردە ئون ئىككى ئىمامچىلار ناھايىتى زور تەرەققىي قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە پەلسەپە ئىدىيىسى ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى. ئىسفاھانچىلار ئېقىمى (ئىشراقىيە تەلىماتچىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پەيدا بولدى. بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىلى موللا سادىر (؟ - 1640) شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمام ئەقىدىسى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ <كامىل ئىنسان> نەزەرىيىسىنى ۋە مەنىۋى چېنىقىش ئىدىيىسىنى ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلدى. ئىسفاھاندىكى ئىمام مەجالىس (؟ - 1699) <بىھارۇل ئەنۋار>، <ھەياتۇل قۇلۇب> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، تەسەۋۋۇپچىلىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئاخىرى ئۆز مەزھىپىنىڭ ئەقىدە تەلىمات سىستېمىسى پۈتكۈزۈپ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ مەزھەپنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا كېڭەيدى. ھەتتا بەزى ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى ئارىسىغىمۇ تارقالدى. ⅩⅪ ئەسىردىن كېيىن، ئون ئىككى ئىمامچىلار ئىچىدىن شەيخىيە ۋە ئۇنىڭ تارمىقى بابىيە، ئۇنىڭدىن كېيىن بەھائىيە بۆلۈنۈپ چىقتى. ئسىنائەشئەرىيە ھازىرمۇ ئىراننىڭ دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.
ئون ئىككى ئىمامچىلار (ئىسنائەشئەرىيە) <قۇرئان كەرىم> گە، تۆت ھەدىس شېرىپكە ئەمەل قىلىش، ئاللانىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئەقىدە تەلىماتىنى تىكلىدى. ئىمام توغرىسىدىكى تەلىمات بۇ مەزھەپ ئەقىدىسىنىڭ يادروسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئىمامنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنى ئاللا بېكىتىدۇ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىمۇ ئاللا بېكىتىدۇ، ئىمام - جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى داھىيىسى ۋە ئۇستازى، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ۋەلىدۇر؛ ئۇلار ئىزچىل توغرا بولۇپ، مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە گۈزۈل ئەخلاقلىرىغا ۋە بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولىدۇ؛ ئىمام - ئاللا بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى <ۋاستىچى> ھېسابلىنىدۇ. شۇلارنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئاللانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ، ئاخىر جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ. پەقەت ئىمامدا <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسىنى ئېنىق چۈشىنىدىغان ۋە تەپسىز قىلىدىغان ئىجتىھاد ھوقۇقى بولىدۇ. ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتكە لايىق ۋارىسى، تۇنجى ئىمامدۇر. ھەزرىتى ئەلى ۋە فاتىمەنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى ئىماملىق لايىقىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ مەزھەپ يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئون ئىككى ئىمام مۇھەممەد مۇنتەزەر مەھدىدۇر. ئۇ ئۆلمىدى، غايىب بولدى. كەلگۈسى مەھدى بولۇپ كىشىلەر ئارىسىغا كېلىپ، زۇلۇمنى يوقىتىدۇ، يورۇقلۇق، ئادالەت ئورنىتىدۇ. شەرىئەت جەھەتتە <قۇرئان كەرىم> نى ۋە تۆت ھەدىس شېرىپنى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە نەجىپ (مۇجتەھىد) ئىمامنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئىجتىھاد ئەھكاملىرىغا ھۆكۈم قىلىشنى قوللىنىپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. بۇ مەزھەپ مۇجتەھىدنىڭ شەخس پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئىجمائنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. فىقھە جەھەتتە ئەل ئۇسۇلىيە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار زاكات بەرگەندىن باشقا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بەشتىن بىر باج تاپشۇرىدۇ. مۆھلەتلىك نىكاھقا يول قويىدۇ. مۇسۇلمانلار زاكات بەرگەندىن باشقا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بەشتىن بىر باج تاپشۇرىدۇ. مۆھلەتلىك نىكاھقا يول قويىدۇ. مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا تەقىيە پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىپ، ئېتىقادنى يوشۇرۇشقا يول قويىدۇ. بۇ مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار ھازىر ئىران، ئىراققا كۆپ تارقالغان، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىمۇ ئازراق بار.