Uyghur主要词典
ئون ئىككى فېئودال يېغىلىقى
领域: دۇنيا تارىخىمىلادىن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەننەن رايونى (ھازىرقى ۋيېتنام) دىكى 12 چوڭ فېئودالنىڭ تەپرىقىچىلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يېغىلىق. ئۇلارنىڭ ئىسمى، ناملىرى ۋە ئىگىلەپ تۇرغان رايونلىرى، ھەرقايسى كتابلاردا خاتىرىلەنگىنى ناھايىتى پەرقلىق، <ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى> دا خاتىرىلىنىشىچە: جياۋشەنجى ئىسمى گوڭگەن، فېڭجۇنى بېسىۋالغان؛ رۇەن تەيپىڭ ئىسم كۇەن، يەنە بىر ئىسمى جى، رەنجيانى بېسىۋالغان؛ جېن گۇڭلەن ئىسمى رىچىڭ، تاڭلىڭنى بېسىۋالغان؛ دۇجىڭلۇڭ ئىسمى جىڭ شۈ، دۇدڭنى بېسىۋالغان؛ رۇەن يۇيى ئىسمى چاڭشى، ۋاڭگاۋنى بېسىۋالغان؛ رۇەن لاڭگۇڭ ئىسمى گۇي، چاۋلېينى بېسىۋالغان؛ رۇەن لىڭگۇڭ ئىسمى شۈجيې، شيەنيۈنى بېسىۋالغان؛ لۇزوگۇڭ ئىسمى كۇاڭ، شىجياڭنى بېسىۋالغان؛ رۇەن يۇگۇڭ ئىسمى چاۋ، فۇليېنى بېسىۋالغان؛ جاۋلىڭگۇڭ ئىسمى شۇن، خۇيخۇنى بېسىۋالغان؛ فەن فاڭئې ئىسمى بەيخۇ، تېڭجۇنى بېسىۋالغان. چىن مىڭلۇ ئىسمى لەن، جياڭيۇكۇنى بېسىۋالغان. مىلادى 968 - يىلى، ئۇلار چېن مىڭگۇڭنىڭ قول ئاستىدىكى دىڭ يۇلىڭ تەرىپىدىن يەكسان قىلىنىپ، داچۇ يۆگو دۆلىتى قۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。