Uyghur主要词典
ئون بەشىنچى مارت ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كومپارتىيىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. 1928 - يىلى 2 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، كومپارتىيە ۋە ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى تېز ئۇلغايغان، كومپارتىيىنى باستۇرۇش ۋە ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىنى تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن، تاناكا گېسى ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە بىر ئۆلكە، ئۈچ ۋىلايەت ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلاردىن 1568 كىشىنى قولغا ئالغان، جۈملىدىن 483 كىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسى، ياپونىيە ئىشچلار ئۇيۇشمىلىرى باھالاش كېڭىشى ۋە پۈتۈن ياپونىيە مال - مۈلۈكسىز ياشلار ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ سول قانات تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشتا، ياپونىيە ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان.