Uyghur主要词典
ئون بەشىنچى ماي ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ياش ئوفىتسېرلار پىلانلىغان قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى. 1931 - يىلى ئۆكتەبر ۋەقەسى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ياش ئوفىتسېرلار يەنىلا بىۋاستە ھەرىكەت قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەي، بىر تەرەپتىن قانداشلار ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سىياسىي، مالىيە ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى يوشۇرۇن پىلانلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھەربىي ئىستېبدات ھاكىمىيەتنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. قانداشلار ئىتتىپاقى ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 1932 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كوگاكىيوشى، ناكامۇراكازۇئو قاتارلىق ياش ئوفىتسېرلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم كۇرسانتلىرىنى باشلاپ باش ۋەزىر قەسىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى قەسىرى، سىياسىي ئىتتىپاقداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىش ئورنى، مىتسوبىشى بانكىسى ۋە ساقچى ۋازارىتىگە ھۇجۇم قىلىپ باش ۋەزىر ئىنۇكايى تاكېشىنى ئۆلتۈرگەن؛ شۇ كۈنى كەچتە تاچىبانا سابورو (1893 - 1974) باشچىلىقىدىكى <يۇرتنى سۆيگۈچىلەر مەكتىپى> نىڭ كۇرسانتلىرى يەنە تاباتا، ئوكۇ قاتارلىق ئالتە بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان. كېيىن ئالدىن پىلانلىغان مەقسىتىگە بىردەك يېتەلمىگەن، بارلىق ئەزالىرىنڭ ھەممىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تەسلىم بولغان ياكى قولغا ئېلىنغان. توپىلاڭ تىنچىتىلغاندىن كېيىن، ھەربىي قىسىمنىڭ بېسىمى بىلەن دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى سائىتو ماكوتو باشچىلىقىدىكى <بىرلىك كابىنېتى> قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىياسىي پارتىيىلەر ئىچكى كابىنېتى دەۋرى ئاياغلىشىپ، ھەربىيلەرنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، فاشىستلىشىش جەريانى كۈنسېرى تېزلەشكەن.