Uyghur主要词典
ئومۇرتقا تۈۋرۈكى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئوتتۇرا ئوق ئىسكىلىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. بىر قانچە تەرتىپسىز ئومۇرتقىلارنىڭ تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن. ھەر بىر ئومۇرتقىدا بىردىن ئومۇرتقا تۆشۈكى بولۇپ، ھەممىسى ئۆزئارا تۇتىشىپ ئومۇرتقا قانىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۇلۇن جايلاشقان. ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ رولى بەدەن ئېغىرلىقىنى تىرەپ تۇرۇش، ھەرقايسى ئىچكى ئورگانلارنى قوغداش ھەمدە بەدەننىڭ بەزى جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.