Uyghur主要词典
ئويراتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئويراتلار <ئۇلۇتلار>، <ئويرات موڭغۇللىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىدىكى غەربىي قىسىم موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار دەسلەپ موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىدا، كېيىن ھازىرقى يېنسېي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئورانخوتلار (ئورمان پۇقرالىرى) قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى، ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغانلىقتىن <تۈمەن تۈتۈن ئويراتلار> دەپ نام بېرىلگەن. موڭغۇل قەبىلىلىرى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئويراتلارمۇ چىڭگىزخانغا ئەل بولغان، يۈەن سۇلالسى دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ، موڭغۇلىيىنىڭ غەربى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا كېلىپ چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئويراتلارنىڭ سەردارى مۆڭكۈ تېمۇر ئويرات قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە 1399 - يىلى ئويرات خانلىقىنى بەرپا قىلغان. ئېسەن دەۋرىدە (1439 - 1454) تەسىر دائىرىسىنى غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتىسۇ بىلەن ماۋرائۇننەھر رايونىغىچە كېڭەيتكەن. Ⅹ