Uyghur主要词典
ئويدۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوق پاكىتلارنى ياساپ چىقماق.
ئۇ مۇناپىق پاكىت ئويدۇرۇشقا ئۇستا، يالغان پاكىت توقۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە زىيانداشلىق قىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئويماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۇلار جىنايەتچىلەرگە ئازگال ئويدۇردى.
يالغاندىن گەپ تاپماق، بوھتان توقۇماق، پىتنە - پاسات تېرىماق؛ تۆھمەت چاپلىماق.
باشلىقنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بەزىدە خېلى چوڭ گەپلەرنىمۇ ئويدۇرۇپ چىقىمىز.