Uyghur主要词典
ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى
领域: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، غەيرەت ئابدۇللانىڭ رومانى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1990 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلغان. يازغۇچىنىڭ بۇ يىرىك ئەسىرىدە جانلىق، تىپىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈنسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان يېزا ئىسلاھاتى دۇلقۇنىدا ئۆزلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئەگرى - توقايلىقلار ئىچىدە باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يول ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت جۇشقۇن مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن. روماندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي دەۋردىكى روھىي ھالىتى، كۈرەش روھى، ئۆز تەقدىرىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرىغا ئايلىنىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى دەۋر رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。