Uyghur主要词典
ئۆز مەركەزچىلىك
پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگ پېيگىتنىڭ بالىلار پسىخولوگىيىسىدە قوللانغان ئاتالغۇسى. ئۆز مەركەزچىلىك بالىلارنىڭ 7 ياشتىن ئىلگىرىكى بىلىش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى. 0 - 2 ياش ۋە 2 - 7 ياش قاتارلىق ئىككى باسقۇچتا بالىدا ئۆز مەركەزچىلىك خاھىشى ئىپادىلىنىدۇ. 18 ئايلىقتىن ئىلگىرى بالا تاشقى تەسىر بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. بەدىنى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيانى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇبيانى بىلىشى ۋە ھېسسىياتىدا ھامان ئۆز بەدىنى ۋە ھەرىكىتى مەركەز قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا ئۆزىنى ئاڭقىرىش تېخى دېففىرىنسىيەلەنمىگەن بولىدۇ. بالا تېخى ئۆزىنى ئاڭقىرالمايدۇ شۇڭا پېيگىت بۇنى ئاڭسىز ئۆز مەركەزچىلىك دەپ ئاتىغان. 2 - 7 ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئۆز مەركەزچىلىك پەقەت بالىنىڭ ئۆز تەجرىبىسى بويىچىلا دۇنيانى بىلىشىدە، ئوخشاش بىر خىل شەيئىگە باشقا كىشىلەر قانداق قارايدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئۆزىنىڭ بىلىشىنى باشقىلارنىڭمۇ بىلىشى دەپ قارىشىدا ئىپادىلىنىدۇ بۇ باسقۇچتا ئۆزىنى ئاڭقىرىشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئۆز بىلەن غەيرىي ئۆزنى پەرق ئېتەلەيدۇ. لېكىن «مەن» بىلەن نەرسە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئوبيېكتىپنى بىلىشكە نىسبەتەن كۈچلۈك سۇبيېكتىپچىلىك بولىدۇ.