Uyghur主要词典
ئۆزىدىن چېتىشقان نەسىلداش
领域: بىئولوگىيەئاتىلىق، ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە بولغان زىرائەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئەۋلادلىرى ئۆزىدىن چېتىشىپ (ئۆزلۈكىدىن چاڭلىنىپ ياكى سۈنئىي ھالدا چەتتىن چاڭلىنىپ) ھاسىل بولغان ئەۋلاد نەسىلدىشىدۇر. يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزىدىن چېتىشىشتىن ھاسىل بولغان ئىندىۋىد ساپ بىرلەشمە تەنچە دېگۈدەك بولۇپ، ئىندىۋىدلار ئارا ئالامەتلىرى بىردەكلىككە يۈزلەنگەن، ھاياتلىق كۈچى تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. لېكىن سۈنئىي شالغۇتلاشتۇرۇشتا ئاتا - ئانىلىق تۈپ قىلىشقا بولىدۇ. كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۆزىدىن چېتىشقان نەسلىداشتىن بىر قانچىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزىدىن چېتىشقان ئەلا نەسىلداشلارنى ئۆز ئارا يەككە ياكى قوش چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتلىق كۈچى كۈچلۈك، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغان شالغۇتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。