Uyghur主要词典
ئۆزبېكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئۆزبېكلەر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت (نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك) بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغانلىرى ئاففانىستان (تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ)، تاجىكىستان (870 مىڭ)، قىرغىزىستان (420 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (230 مىڭ) ۋە تۈركىيە، ئىران، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (14 مىڭ) غا جايلاشقان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، كانادا، پاكىستان قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 24 مىليون 780 مىڭدىن كۆپرەك.
ئۆزبېكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىر سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى غەربىي ھۇن تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئۆزبېك تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
ئۆزبېكلەر تارىختا زەردەشىت، مانىزم ۋە شامانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرلەردە، باكتىرىيە، خارەزىم، سۇغدىيانا ۋە ئارشاڭ قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅳ ئەسىرلەردە ئىران ئەخمىنىد خاندانلىقى ۋە ماكېدۇنىيىلىك ئالېكساندىر قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېفتالىتلار، كۇشانلار ۋە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئەرەب ئىمپېرىيسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ كەلگەن. Ⅸ - Ⅹ