Uyghur主要词典
ئۆتۈنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر تەلەپ بىلەن ئىلتىماس قىلماق.
سوراپ - سوراپ بولار دانىشمەن. ھەر ئارزۇغا يېتىدۇ جەزمەن. بىلىم لازىم بولسا سورا. ئۆزىنى سورىغان قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ. خەقتىن ئۆتۈنگۈچە، يەردىن ئۆتۈن. كۆكتىن تىلىگىنىمنى يەردىن تاپتىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋدىن بىرەر نەرسە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ، تىلەنمەك.
ئۆتۈنگەندىن ئۈمىد يوق. خەقتىن ئۆتۈنگۈچە، ئۆزەڭ ئىشلەپ تاپ. بەرگەن باتۇر ئەمەس. سورىغان باتۇر. ئالغاننىڭ راھىتى سورىغاننىڭ دەرىگە يەتمەس. كۈن يۇلتۇزدىن يورۇق سورىماس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پۇشايمان قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلماق، سەمىمىي تەلەپ قىلماق، تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىماق.
مېنىڭ ئىشىمنى تېزراق ھەل قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
تەقدىم قىلماق، ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بەرمەك.
مەن بۇ كىتابنى سىزگە ئۆتۈندىم.
پادىشاھ قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىغا ئۆز تەختىنى ئۆتۈنۈپتۇ.