Uyghur主要词典
ئۆچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قىساس، ئىنتىقام.
ئۆچمەن. * ئۆچ ئالماق. * ئۆچ كۆرمەك. * ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ (ماقال). * ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم ئۆچ كۆرۈپتۇ (ماقال). * خوتۇنغا ئامراق، بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق، كالىغا ئۆچ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۆچمەك، ئۆچۈش.1. يېنىشتىن، كۆريۈشتىن توختىماق.
چىراغ ئۆچتى قىلماق. * ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ (ماقال). * يۇرت قوغىدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن (ماقال). * ئۆچمەس ئەسەر.
2. ئۆڭمەك. تاش پۈتۈككە يازغان خەتلەر ئۆچۈپ كېتىپتۇ. * رەختنىڭ رىڭگى ئۆچتى.
3. يوقالماق. ئۇنىڭ ئۈنى ئۆچتى. * ئۇنىڭ ئۆچسۈن، كۈلۈڭ كۆچسۇن (قارغىش).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
<قاتىم> ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
زىددىيەتتىن تۇغۇلغان قاتتىق ئاغرىنىش.
ئۆچ ساقلىغان گۆرىدە ئۆرە تۇرار. قىلىچ يارىسى پۈتمەس، دۈشمەن قىساسى ئۆچمەس. ئاتىسىدىن ئالالمىغان ئەنتىنى بالىسىدىن ئاپتۇ. ئىنتىقام بىكار كەتمەيدۇ، ئاخىر يانىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆچ، ئاداۋەت، كەك.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆچ كەك كەمۇغ كىشنىڭ يالىڭئۇق ئۈزە ئالىم بىل
ئەزگۈلىكۈڭ ئوغانچا ئەلكىڭ بىللە تەلە تەلىم كىل
{ئۆچ - كەكنى ھەممە كىشىنىڭ باشقىلار ئۇستىدىكى ئېلىمى
(دەپ) بىل، ياخشىلىقنى قولۇڭدىن كېلىشىچە كۆپ قىل.}
ئۆچ - ئاداۋەت تەلەپ ئېلىنىدىغان قەرزگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن كەچ؛ شۇنى بىلىپ، چەتتىن كېلىپ قالقانلارغا ۋە مۇساپىرلارغا قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل.
1 - 61
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قىساس، ئىنتىقام، ئۆچمەنلىك.
ئۆچ ئالماق. ئۆچىنى چىقارماق.
سۈپ. يامان كۆرىدىغان، ياقتۇرمايدىغان، بىزار، ئامراق ئەمەس.
مەن تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئۆچ.