Uyghur主要词典
ئۆت سۇيۇقلۇقى
بىئولوگىيە
جىگەر ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان بىر خىل ئاچچىق، رەڭلىك سۇيۇقلۇق، 4.7PH. جىگەر ئوت سۇيۇقلۇقى ھاسىل بولغاندىن كېيىن، ئۆت غول نەيچىسىدىن ئۆتۈپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرىدۇ؛ ياكى جىگەر نەيچىسى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا كىرىپ زاپاس ساقلىنىدۇ، ھەزىم قىلىش ۋاقتىدا ئۆتتىن چىقىپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرىپ ھەزىم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېتىلگەن ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن 800 - 1000 مىللىلىتىر ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئۆت (خولات) تۇزلىرى، ئۆت كىسلاتاسى (خولىك كىسلاتا) خولېستېرىن، ئۆت پىگمېنتلىرى (خولېخروم) ۋە ھەرخىل نېئورگانىك تۇزلاردىن ئىبارەت. ئۆت سۇيۇقلۇقىدا ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش رولىنى ئۆت تۇزلىرى ۋە ئۆت كىسلاتاسى ئۆتەيدۇ. ئۆت تۇزلىرى لىپازانى ئاكتىپلاشتۇرۇپ مايلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۆت تۇزلىرى ۋە پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۆت تۇزلىرى ۋە خولېستېرىن قاتارلىقلار مايلارنى ئېمۇلسىيىلەپ مىكرو تامچىلارغا ئايلاندۇرۇپ لىپازا بىلەن ئۇچرىشىش يۈزىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ مايلارنىڭ پارچىلىنىشىغا پايدىلىق. ئۆت كىسلاتاسى ماي كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ سۇدا ئېرىيدىغان مۇرەككەپ بىرىكمە ھاسىل قىلىپ مايلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. مايلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا مايلاردا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A,D, E, K لارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆت پىگمېنتلىرى گېموگلوبىننىڭ پارچىلىنىش مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگى ئۆت پىگمېنتلىرىنىڭ خىللىرى ۋە كونسېنتراتسىيىسىگە باغلىق.