Uyghur主要词典
ئۆتكەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاغ - جىرالاردىن ئۆتۈشكە بولىدىغان ئېغىز، بەر.
ئۆتكەلدىن ئۆتمەك. * ئۆتكەلدىن ئۆتكۈچە ھالىم قالمىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خۇراپىي چۈشەنچە ، جىنلارنىڭ گۇرۇھ، كۆچ - كۆچ قىلماق.
تۈنۈگۈن زاراتگاھلىقتا ئۆتكەل ئۆتۈپتۇمىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا ۋە تاغ - داۋاننىڭ ئۆتكىلى بولىدىغان، ئۆتۈش ئۈچۈن ئېچىلغان يېرى.
ئەل كىرگەن كېچىككە سەنمۇ كىر. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكۈچە، قان كېچىكىدىن ئۆت. ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت. ئىرادىلىك كىشىگە ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆتىدىغان جاي، مۇھىم ئېغىز، مۇھىم يول؛ تۈگۈن.
قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئۆتكەلدە تۇرغان ئىككى قاراۋۇلى جۇۋىغا يۆگىنىپ خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
كۆچمە. ھالقىلىق پەيت، مۇھىم پەيت، ھالقىلىق پۇرسەت.
ئۆتكەلدىن ئۆتمەك.
كۆچمە. بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان جەريان؛ ئىشنىڭ ھالقىسى؛ باسقۇچ.
ئاپتوموبىل ماتورلىرى ئادەتتە ئوتتۇرا ۋە چوڭ رېمونتقا چۈشكەندە بىر مۇنچە تېخنىكىلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتىدۇ.
نىشانلانغان، مۆلچەرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى پەللە.
- ئاشلىقتا ئۆتكەلدىن ئۆتۈش - بىزنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىمىز، - دېدى ئۇ جىددىي تۈردە