Uyghur主要词典
ئۆتكۈزۈش
بىئولوگىيە
باكتېرىئوفاگنىڭ يۇقۇشى ۋە ۋاستىسى ئارقىلىق بىر باكتېرىيىنىڭ ئىرسىي ماددىسىنى باشقا بىر باكتېرىيىگە يۆتكەش بىلەن كېيىنكىسىنى ماس ھالدا ئۆزگەرتىش ھادىسىسىدۇر، مەسىلەن، گالاكتوزىنى ئېچىتالايدىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدە پارازىتىلىنىدىغان باكتېرىئوفاگ λ بۆلۈنگەندە، خوجايىننىڭ gal گېنىنى ئېلىپ چىقىپ، گالاكتوزىنى ئېچىتالمايدىغان مۇتاتسىيىلەنگەن gal- تىپىغا يۇققاندىن كېيىن، كېيىنكىسى gal- دىن gal+ غا ئۆزگىرىپ گالاكتوزىدىن پايدىلىنايلايدىغان بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<فىز> جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق ياكى ئېلېكتر ئېقىمىنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىدىن يەنە بىر قىسمىغا يەتكۈزۈشى.
<فىزىئول> نېرۋا تالالىرىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى تەسىرلىنىشلەرنى چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يەتكۈزۈش ياكى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ پائالىيىتىنى ئەتراپ نېرۋىلىرىغا يەتكۈزۈش جەريانى.