Uyghur主要词典
ئۆتكۈزگۈچى قانال
بىئولوگىيە
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلىق قىسمىدىكى سۇ ۋە نىئورگانىك تۇزلارنى توشۇيدىغان ئاساسلىق تۈزۈلۈش. ئۇ كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەر (ئۆتكۈزگۈچى قانال مولېكۇلىلىرى) نىڭ ئۆزئارا ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان قانالدىن ئىبارەت. ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توسۇق پوستىدا تۆشۈك بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە سانتىمېتىر ھەتتا بىر مېتىردىن ئۇزۇن بولىدۇ، سۇ بۇ قانال ئىچىدە راۋان ئاقىدۇ. ئۆسۈملۈك مايسا ۋاقتىدا قانال مولېكۇلىلىرى تىرىك بولىدۇ، يېتىلگەندىن كېيىن پروتوپلازمىلىرى يېمىرىلىپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ ھۈجەيرە پوستى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قېلىنلىشىدۇ ۋە ياغاچلىشىدۇ. قېلىنشىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھالقىسىمان سىزىق، بۇرمىسىمان سىزىق، شوتىسىمان، تورسىمان سىزىق ۋە ئويمان سىزىق قاتارلىق تىپلىرى بولىدۇ. ئالدىنقى ئىككى خىلىنىڭ دىئامېتىرى كىچىك، قېلىنلاشقان قىسمى ئاز بولۇپ، ئورگان شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇزىراپ ئۆسۈش ئاستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋاقىتتا ھاسىل بولىدۇ. كېيىنكى ئۈچ خىلنىڭ دىئامېتىرى چوڭ، قېلىنلاشقان قىسمى كۆپ بولۇپ، ئورگانلارنىڭ ھاسىل بولۇشى كېچىككەن، ئۇزىراپ ئۆسۈش توختىغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. كېيىنكى ياغاچلىق قىسىمنىڭ كۆپرەكى ئويمان سىزىقلىق ئۆتكۈزگۈچى قانالدىن ئىبارەت.