Uyghur主要词典
ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى
领域: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە مورفولوگىيە، تۈزۈلۈش، فىزىئولوگىيە، بىئوخىمىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئوخشىماسىقىغا ئاساسەن، ئۆسۈملۈكلەرنى تىپ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ سىستېمىلاشتۇرىدىغان پەن. ئۇ ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، سىتولوگىيە، گېنېتىكا، بىئوخىمىيە، پائىئونتولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بىلەن ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى مۇشۇ پەننىي بىلىملەرگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چوڭقۇر تەتقىقات ئېىپ بېرىپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىقى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىدا، ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھۇم رول ئوينىماقتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。