Uyghur主要词典
ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى
领域: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەر ھەمدە ئۆسۈملۈك ئورگانلىرىنىڭ يەككە يېتىلىش ۋە سىستېمىلىق يېتىلىش جەريانىدىكى سىرتقى قىسىمنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى، كۆپ خىللىقى، مورفولوگىيىلىك شەكلىنىڭ ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتى، ھەمدە مورفولوگىيىلىك شەكىل بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بوتانىكىنىڭ باشقا تارماق پەنلىرى (مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئىرسىيىتى قاتارلىقلار) نىڭ ئاساسى، ئۇ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، سپورىلىق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، ئۇزۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، سېلىشتۇرما مورفولوگىيە ۋە تەجرىبە مورفولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。