Uyghur主要词典
ئۆستۈرگۈچى فاكتور
بىئولوگىيە
بەزى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مىكرو ئورگانىزملار ئۆزى سىنتېزلىيەلمەيدىغان ئورگانىك ماددا، ئۆستۈرگۈچى فاكتورنىڭ رولى ئاساسەن ئېنزىمنىڭ قوشۇمچە رادىكالى ياكى قوشۇمچە ئېنزىم بولۇش. ئۆستۈرگۈچى فاكتورنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلار خىمىيىلىك تۈزۈلۈشتىكى پەرقىگە ئاساسەن ئامىنو كىسلاتاسى، نۇكلېئوتىد (ياكى ئىشقار رادىكالى) ۋە ۋىتامىندىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مىكرو ئورگانىزملار ئوخشاش بولمىغان ئۆستۈرگۈچى فاكتورغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۆسۈش شارائىتى ئوخشاش بولمىسا، كېرەك بولىدىغان ئۆستۈرگۈچى فاكتورلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەلۇم مىكرو ئورگانىزم ئېھتىياجلىق بولغان ئۆستۈرگۈچى فاكتورنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۇقمىغاندا، ئادەتتە ئۆستۈرگۈچكە ئاز مىقداردا ئېچىتقۇ مەلھىمى، كالا گۆشى مەلىمى ياكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك توقۇلما سۇيۇقلۇقىنى قوشۇش ئارقىلىق ئۆسۈشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.