Uyghur主要词典
ئۆستەڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېزىپ ئېچىلغان سۇ ئېقىنى. <ئېرىق> كىچىكرەك، <ئۆستەڭ> چوڭراق، ئاسان سۇغىرىش سىستېمىسى. <قانال> چوڭ ۋە چوڭقۇر، ئومۇمەن كېمە - پاراخوت قاتنايدۇ.
قويمۇ، بۆرىمۇ بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ. ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق. سۇۋەيش قانىلىنى مىسىر ھۆكۈمىتى 1958 - يىلى كۈزدە ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر قولىدىن قايتۇرۋالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەر تەرىپىدىن چېپىلغان، دەريادىن كىچىك، ئېرىقتىن چوڭ بولغان سۇ ئېقىمى، چوڭ ئېرىق.
غول ئۆستەڭ. تارماق ئۆستەڭ. ئۆستەڭ چاپماق.