Uyghur主要词典
ئۆرتەنمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۆيمەك، يانماق:
لەيلىجاننىڭ بادەسىدىن ئىشقى مەجنۇن ئۆرتەنىپ،
بىيد مەجنۇندەك ھەمىشە تولغانۇرغە زاردۇر.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېقىلغۇ ئوت ئالماق؛ نەرسە ئوتتا يوقالماق.
گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. ئىككى كىشى ئارىسىغا ئوت ياقسا كىمكى، ئوتتۇرىدا شۇ ناداننىڭ كۆيىدۇ ئۆزى. پىشماسنىڭ ئوتى يانماس. ئۆلگەن كەلمەس، ئۆچكەن يانماس. ئوتنىڭ تېشىدا ئۆرتەنگۈچە، ئىچىدە كۆي.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يانماق، ئۆرتەنمەك، يالقۇنلىماق؛ ئازابلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۆرتىمەك> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
شۇ تاپتا ئۇ پۇشايمان، خىجىللىق ۋە ئېچىنىش ئىلكىدە ئۆرتىنىۋاتاتتى