Uyghur主要词典
ئۆرتەندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆرتەندى، كۆيدى.
ئۆرتەندى نەڭ _ ئۆرتەنگەن نەرسە ( ئۆرتەنۈر _ ئۆرتەنمەك). كۈن پاتقاندىن كېيىن بۇلۇت قىزارسا، « بۇلىت ئۆرتەندى» دېيىلىدۇ. تۈركلەر بۇنى ياخشىلىققا جورۇيدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن:
تۈنلە بۇلىت ئۆرتەنسە ئەۋلۈك ئۇرى كەلدۈرمىشچە بولۇر
تاڭدا بۇلىت ئۆرتەنسە ئەۋگە ياغى كىرمىشچە بولۇر
{تۈندە بۇلۇت ئۆرتەنسە، خوتۇن ئوغۇل تۇغقاندەك بولار،
تاڭدا بۇلۇت ئۆرتەنسە، ئۆيگە يېغا كىرگەندەك بولار.
كەچقۇرۇن بۇلۇت قىزارسا، خوتۇنى ئوغۇل تۇغقاندەك بولىدۇ، تاڭدا بۇلۇت قىزارسا، ئۆيگە يېغا كىرگەندەك بولىدۇ. تۈركلەر كېيىنكىسىنى ياخشىلىققا جورۇمايدۇ.
1 - 333