Uyghur主要词典
ئۆمۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش دەۋرى
ھايات مۇھەببەتكە مۇھتاج، مۇھەببەت مېھىر - شەپقەتكە مۇھتاج. كىشىنىڭ ھاياتى مىللەتنڭ نومۇسى بىلەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس. ئۆمۈر ئەلا، لېكىن ئارزۇسىز ئۆمۈرنىڭ كېرىكى يوق. ئۆمۈرمۇ ئوخشايدۇ، بەزىدە تولىدۇ، بەزىدە سولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياشاش مەزگىلى ۋە ياشاش ئىشى.
ئۆلۈم، ئەجەل، قازا
ئۆلۈش پەيتى، ئۆلۈش ھادىسىسى، ۋەقەسى.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. پۇل ئەجەلگە دالدا بولالماس. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. ئۆمۈر شامال ئالدىدىكى چىراغ. ھاياتىڭ قانداق بولسا، ئۆلۈمىڭ شۇنداق بولار. يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم. قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. توشقاننىڭ ئۆلۈمىگە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ. دۇنيا بويىچە ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 65 ياش، ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن مەملىكەت ياپونىيە، 77 ياش. ئەڭ قىسقا مەملىكەت ئافغانىستان، 42 ياش.
ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تۇغۇلغاندىن تا ئۆلگۈچە بولغان ۋاقىت، دەۋر، ھايات.
ئۆمۈر بويى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھۆمەر، ھەمىرجان
ئابات، بوستان، مەمۇچىلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ھاياتلىق مۇددىتى، ياشاش سۈرىكى؛ ھايات، تىرىكلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەزىز ئۆمۈر، قەدىرلىك ھايات.