Uyghur主要词典
ئۆمۈچۈكلەر سىنىپى
بىئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تېنى، باش، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىدىن تۈزۈلگەن، باش - كۆكرەك قىسمى ئادەتتە بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدۇ. بەزى تۈرلىرىنىڭ باش، كۆكرەك، قورساق قىسىملىرى پۈتۈنلەي بىرلىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان. ئانتېننىسى بولمايدۇ. ئادەتتە بىرقانچە جۈپ ئاددىي كۆزى بولىدۇ. باش، كۆكرەك قىسمىدا ئالتە جۈپ پۇتى بولىدۇ. بىرىنچى جۈپى ئامبۇر پۇتى؛ ئىككىنچى جۈپى پۇت بۇرۇتچىسى؛ قالغان تۆت جۈپى كۆكرەك قىسمىغا تەۋە پۇتلىرى، يەنى رەسمىي پۇتلىرى بولۇپ، بىردەك يەتتە بوغۇمدىن تەركىب تاپقان. قورساق قىسمىدا ئادەتتە پۇتلىرى بولمايدۇ. لېكىن بەزىلىرىدە قورساق پۇتىنىڭ قالدۇق ئىزى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆمۈچۈكنىڭ توقۇش ئۆسۈمتىكى روشەن بىر قورساق پۇتىنىڭ قالدۇق ئىزى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى خىل نەپەسلىنىش ئورگىنى بولىدۇ. بىرى كاناي، يەنە بىرى كىتابسىمان ئۆپكە. بۇ ئىككى خىل نەپەسلىنىش ئورگىنى ئايرىم ھالدا ياكى بىرلىكتە مەۋجۇت. بۇ سىنىپىتىكى ھايۋانلار؛ ئۆمۈچۈكلەر، چايان، تام پىتى، چۇسا، قىچىشقاق تەمرەتكە قۇرتى، قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، خۇسۇسىيەتلىرى ھەر خىل، ئوزۇقلىنىشى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ. بەزى تۈرلىرىدىن دورا ياساشقا بولىدۇ؛ بەزى تۈرلىرى كىچىك تىپتىكى ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئېتىزلاردا تۇتۇپ يېگەنلىرىنىڭ تولىسى زىيانداش ھاشارات بولغاچقا زىرائەتلەرگە پايدىلىق. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆسۈملۈك ئاسراش جەھەتتە يېزا ئىگىلىك خادىملىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. لېكىن بەزى ئۆسۈملۈك يەيدىغان تۈرلىرى زىرائەتلەرنىڭ مۇھىم زىيانداش دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن، كېۋەز قىزىل ئۆمۈچۈكىنىڭ كېۋەزگە بولغان زىيىنى ھەممىگە مەلۇم. يەنە بەزىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەن سىرتىدا پارازىتلىنىدۇ ھەمدە كېسەل تارقىتىپ سالامەتلىكىگە زىيان كەلتۈرىدۇ.