Uyghur主要词典
ئۆگزىسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىرخىلى. ھەرقايسى گۈللەرنىڭ گۈل سېپى ئوخشاش بولمايدۇ، گۈل ئوقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆسكەن گۈللەرنىڭ گۈل سېپى ئەڭ ئۇزۇن، يۇقىرىلىغانسېرى تەدرىجىي قىسقىراپ بارىدۇ، ھەرقايسى گۈللەر گۈل رېتىنىڭ ئۈستىنى تەكشى قىلىپ تىزىدۇ، مەسىلەن، نەشپۈت، ئالما، دولانا، تېۋىلغىنىڭ گۈل رېتى. ئەگەر گۈل ئوقى شاخلىنىپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى شەكلىدە تىزىلسا ھەمدە ھەربىر شاخ بىر كىچىك ئۆگزىسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلسا مۇرەككەپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، چېتەن ئۇرۇقدىشىنىڭ گۈل رېتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
گۈل رېتىنىڭ بىر تۈرى. تۆۋەن تەرەپتىكى گۈللىرىنىڭ سېپى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۈستى تەرەپتىكى گۈللىرىنىڭ سېپى قىسقا بولۇپ، بارلىق گۈللەر بىر تەكشىلىكتە تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت، دولانانىڭ گۈل رېتى.