Uyghur←Chinese主要词典
ئۆگزىسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
伞房花序
sǎnfánghuāxù
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىرخىلى. ھەرقايسى گۈللەرنىڭ گۈل سېپى ئوخشاش بولمايدۇ، گۈل ئوقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆسكەن گۈللەرنىڭ گۈل سېپى ئەڭ ئۇزۇن، يۇقىرىلىغانسېرى تەدرىجىي قىسقىراپ بارىدۇ، ھەرقايسى گۈللەر گۈل رېتىنىڭ ئۈستىنى تەكشى قىلىپ تىزىدۇ، مەسىلەن، نەشپۈت، ئالما، دولانا، تېۋىلغىنىڭ گۈل رېتى. ئەگەر گۈل ئوقى شاخلىنىپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى شەكلىدە تىزىلسا ھەمدە ھەربىر شاخ بىر كىچىك ئۆگزىسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلسا مۇرەككەپ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، چېتەن ئۇرۇقدىشىنىڭ گۈل رېتى.
دېھقانچىلىق
伞房花序
sǎn fáng huā xù