Uyghur主要词典
ئوبرازلىق تەپەككۇر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچى تۇرمۇشتىن ئالغان تەسراتىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ۋە چۈشەنچە، باھاسىنى بەدىئىي ئوبرازغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەھلىلى - ئوبرازلىق تەپەككۇر ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇمكى، ئىنسانلار پىكىر قىلىشتا ئورتاق پىكىر قىلىش قانۇنىيىتىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش، خۇددى <ئەمەلىيەت توغرىسىدا> دېگەن ئەسەردە كۆرسىتىلگەندەك: <ئەقلىي بىلىش ھېسسىي بىلىشكە بېقىنىدۇ. ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە راۋاجلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ دىئالېكتىك ماتېرىيالىستىك بىلىش نەزەرىيىسىدۇر>. شۇنى قەيت قىلىش كېرەككى: ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا كىشىلەر ئوخشىمىغان ئىككى خىل پىكىر قىلىش شەكلىنى قوللىنىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى - ئابستراكت تەپەككۇر (بۇ لوگىكىلىق تەپەككۇرمۇ دېيىلىدۇ)، يەنە بىر خىلى - ئوبرازلىق تەپەككۇر (بۇ بەدىئىي تەپەككۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
پسىخولوگىيە
بۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىدىكى تەپەككۇردىن ئىبارەت. ئوبرازلىق تەپەككۇر كونكرېت ئوبرازلىق تەپەككۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر كىچىك بالىلاردا تولىمۇ ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. كىچىك ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئۇنىڭ كونكرېت ئوبرازلىق بولۇشى. پىداگوك ئۇششىنىسكىي: «بالىلار شەكىل، ئاۋاز، رەڭ ۋە سەزگۈدىن پايدىلىنىپ تەپەككۇر قىلىدۇ» دەيدۇ. پىداگوك سۇخوملىنىسكى «كۆرسەتمىلىك بولۇش» نى كىچىك ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئومۇمىي پرىنسىپ ھېسابلايدۇ. شۇنىڭدەك بالىلارغا قارىتا ئېيتقاندا، ھېسسىي ئوبراز قىزىقىشنىڭ مەنبەسى ھەم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇستەقىل پىكىر قىلدۇرۇش ۋە ئابستراكت تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدە ئابستراكت تەپەككۇر يېتەكچى ئورۇندا بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئوبرازدىن تامامەن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار كۆرسەتمىلىك ئوبراز ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغاندا، كونكرېت ئوبرازلىق تەپەككۇر ئىپادىلىنىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇرمۇ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئانالىز ققىلىش - سىنتېزلاش ۋە ئابستراكتسىيىلەش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوبراز ھاسىل قىلىش ياكى يېڭى ئوبراز يارىتىش جەريانىدۇر. لېكىن ئوبرازلىق تەپەككۇر ئوبرازغا تەپەككۇرنىڭ قوشۇلۇشى ياكى تەپەككۇرگە ئوبرازنىڭ قوشۇلۇشى ئەمەس، ئۇ ئوبرازلاشقان تەپەككۇر ۋە تەپەككۇرلەشكەن ئوبرازدىن ئىبارەت. «ئوبرازلاشقان تەپەككۇر» دېگەندە، ئوبراز ئامىلى بىلەن لوگىك ئامىل تەپەككۇردە يېقىن باغلىنىپ بىرلىككە كەلگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «تەپەككۇرلەشكەن ئوبراز» دېگەندە، ئوبرازنىڭ ئۆزى «ساپ» بولماي، ئومۇملاشتۇرۇلغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، بىر خىل تىپىكلەشكەن ئوبراز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ پسىخىك ئامىللىرى ئاساسەن ئاسسوتسىئاتسىيە، تەسەۋۋۇر، خىيال، ھېسسىياتلاردىن ئىبارەت.