Uyghur主要词典
ئوبرازچانلىق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوبرازدىن ئىبارەت ئالاھىدە شەكىل قوللىنىپ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەندە پەيدا بولغان كونكرېتلىق، تەسىرچانلىق، جانلىقلىق ھەمدە كىشلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى ئۇرغۇتماقلىق ئوبرازچانلىق دېيىلىدۇ.
ئوبرازلىق، بەزى ئەدەبىيات _ سەنئەت خاراكتېرىگە ئىگە بولمىغان ئەسەرلەر ياكى نۇتۇقلارنىڭ بەزى تەسىرلىك، كونكرېتلىق تەسۋىرلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رېئال تۇرمۇشنىڭ جانلىق، كونكرېت ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى قوزغاش، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇشى.