Uyghur主要词典
ئېنېرگېتىكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆلچەيدىغان بىرخىل فىزىكىلىق مىقدار. ئادەتتە ماددىلارنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسىي تىپلىرى: پوتېنسىئال ئېنېرگىيە، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماگنىت ئېنېرگىيىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى، خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىرخىل ئېنېرگىيە يەنە بىرخىل ئېنېرگىيىگە ئۆزگىرەلەيدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى قۇۋۋەت بىرلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.