Uyghur主要词典
ئېنېرگىيە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرخىل كۈچ ھاسىل قىلىدىغان ماددا.
دۆلىتىمىز كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان 270 مىليون توننا ئۆلچەملىك توننا كۆمۈر ئېنېرگىيە تېجىگەن. ھەر 10 مىڭ يۈەن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە 1980 - يىلى 36.13 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر بولغانىدى. 1990 - يىلى 3.9 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە چۈشكەن. ئېلېكېر قۇۋۋىتى، ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى، ھەرىكەت قۇۋۋىتى، ئاتوم قۇۋۋىتى - ھەممىسى ئېنېرگىيە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
فىزىكا
ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆلچەيدىغان بىرخىل فىزىكىلىق مىقدار. ئادەتتە ماددىلارنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسىي تىپلىرى: پوتېنسىئال ئېنېرگىيە، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماگنىت ئېنېرگىيىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى، خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىرخىل ئېنېرگىيە يەنە بىرخىل ئېنېرگىيىگە ئۆزگىرەلەيدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى قۇۋۋەت بىرلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.