Uyghur主要词典
ئىنجىمارۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەت - يېغى ئاز، مۇسكۇلى تولمىغان.
<ئىنجەج> ئىلى شېۋىسىدە، <قوتۇر> تۇرپان شېۋىسىدە، <ئىنجا>، <قىرتۇ> قومۇل شېۋىسىدە، <ئاۋۇغاي> لوپنۇر دىئالېكتدا، <شىداق> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<ئورۇق> ھايۋانغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، قالغانلىرى ئادەمگە قارىتىلغان. <ئىن
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق. ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى يوغان. جۈدەڭ بوي چىرايلىق بولمىسىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىڭنە يېگەن ئاۋاق. ئۇ شۇنداق ئاۋاقكى، پىچاق بىلەن قىرساڭمۇ، بىر ئوچۇم گۆش چىقمايدۇ. ئىنجىمارۇققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ياداڭ يايرايدۇ. ئىچى يامان ياداڭغۇ كېلىدۇ.
شىۋىلەر
ئۇرۇق، ئاۋاق، ئاجىز، زەئىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئورۇق، ئاۋاق، ئاجىز.
ئەكسىچە بۇ ئىنجمارۇق ئايال جاھىللىق بىلەن كۆزىنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋالدى. سەپرايىمنى ئۆرلەتمە! ھازىر ئۇجۇقتۇرۇۋېتىمەن! يا ئۆلمىدى بۇ ئىنجىمارۇق، جىن تەپكەنلەر.