Uyghur主要词典
ئىنجىل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاللاتائاللادىن ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن كىتاب يەنى ناسارا(خىرىستىيان) لارنىڭ دىنىي كىتابى؛ خۇشخەۋەر.
خرىستىئان دىنى
«ئىنجىل» خرىستىئان دىنى كىتابلىرىنىڭ توپلىمى، شۇنداقلا خرىستىئان دىنى ئىدىيىسىنىڭ يادروسى ۋە قىبلىنەماسى. ئۇ «ئەھدى ئەتىﻒ»، «ئەھدى جەدىت» دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. «ئەھدى ئەتىﻒ» نىڭ يەنە بىر نامى «ئەھدىنامە»، ئۇ ئەسلىدە قەدىمكى يەھۇدىي دىنىنىڭ دەستۇرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن.
«ئىنجىل»دا قەيت قىلىنىشىچە، پەرۋەردىگار توپان بالاسىدىن ئامان قالغۇچى نوھ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن. لېكىن، نوھنىڭ ئەۋلادلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، پەرۋەردىگار ئادەم كۆپ بولسا ئۇلارنى باشقۇرغىلى بولماي ئىشتىن چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۆي - ماكانلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كېيىن، پەقەت «پەرۋەردىگارنىڭ تاللانغان بەندىلىرى» بولمىش ئىسرائىلىيىكلەر بىلەنلا «مەڭگۈلۈك ئەھدىنامە» دەيدىغان كېلىشىم تۈزگەن، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا تاللانغان بەندىلەرنى ئەۋەتىپ بېرىش ئەھدىنامىنىڭ شەرتى قىلىنغان، «ئەھدىنامە» دېگەن ناممۇ مۇشۇنىڭدىن قالغان. خرىستىئان دىنى «ئەھدىنامە»دىكى تەلىماتلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىيسا بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىنسانلار بىلەن يېڭىۋاشتىن ئەھدىنامە تۈزۈپ، «ئەھدى جەدىت»نى قوشقان، دەپ تەرغىب قىلغان. «ئەھدى جەدىت» مىلادىيە1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە2 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن.
«ئەھدى ئەتىﻒ» − «قانۇننامە»، «پەيغەمبەرنامە»، «ئىلاھىي يادنامىلەر» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1300 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى100 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ماتېرىياللار توپلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئالەم ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر رىۋايەتلەر، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇنىڭغا قوشنا مىللەتلەرگە دائىر مۇھىم تارىخىي قىسسىلەر، ئەخلاق مىزانى ۋە دىنىي ئەقىدە - ئەھكاملارغا دائىر خاتىرىلەر، سىياسىي مۇھاكىمە ئەسەرلىرى ۋە پەلسەپىگە دائىر ماقالىلەر، دىنىي قەسىدىلەر، ئىشقى - مۇھەببەت شېئىرلىرى، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مەسەل، ئەقلىيە سۆز، تېپىشماق، ئوخشىتىش، تارىخىي قىسسە - داستان قاتارلىقلار بار.
«ئەھدى جەدىت»، «گوسپېل»، «ھاۋارىيۇنلار تەزكىرىسى»، «ھاۋارىيۇنلار مەكتۇپلىرى» ۋە «بېشارەتنامە» دىن ئىبارەت تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىيسانىڭ ھاياتى، ئىش ئىزلىرى ۋە نۇتۇق - مۇھاكىمىلىرى بايان قىلىنغان، دەسلەپكى مەزگىلدىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ۋە دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى، بەزى ساھابىلەرنىڭ خەت - چەكلىرى، ۋەھىي شەكلىدىكى بېشارەت قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن.
«ئىنجىل» بىر مەھەل فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان مۇھىم مەنىۋى قورالى بولغان، لېكىن ئۇ يەنە كېلىپ قەدىمكى زامانغا دائىر قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال، شۇنداقلا تازا مۇكەممەل بولمىغان بىر پارچە قامۇس بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدا دىنغا دائىر مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە ئىنسانىيەتكە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەر بار. ئۇنىڭ بەزى بۆلەكلىرىدە قەدىمكى جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىزارلىقىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن شېئىر، رومان، مۇزىكا، رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرىدە «ئىنجىل»دىكى پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىكلەر خام ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى كۆپلىكىدىن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
بىئولوگىيە
<قۇرئان كەرىم> دە خرىستىئان دىنىدىكى گۇسپېل (ئىنجىلنىڭ <يېڭى ئەھد> دىكى <تۆت بېشارەت كىتابى>) شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ <تەۋرات>، <زەبۇر> ۋە <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلىدىغان تۆت ساماۋى كىتابنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە ئىنجىل <10 نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىدۇ. (مەسىلەن، 3 - سۈرىنىڭ 3 -، 48 -، 65 - ئايەتلىرىدە؛ 5 - سۈرىنىڭ 46 -، 47 - 110- ئايەتلىرىدە؛ 7 - سۈرىنىڭ 157 - ئايىتىدە؛ 9 - سۈرىنىڭ 111 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ). شۇڭا >قۇرئان كەرىم< دە خرىستىئانلار >ئەھلى كىتابلار< دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى خرىستىئان دىنىنى بەزى مەزھەپلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز، يەمەن ۋە بەزى بوستانلىقلاردا كەڭ تارقالدى. >ئىنجىل< دىكى بۇۋى مەريەم، ئىيسا خرىستوس، زەكەرىييا، يوھان توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ ئىلاھقا ۋە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، رىۋايەتلەردىكى بۇ شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھكام، پەرز، قائىدە - يوسۇن، ئېتىقاد قاتارلىقلار ئاللانىڭ ئىيسا پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان ۋەھىيلىرىدىن ئىبارەت. يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان رىۋايەتلەردىكى شەخسلەر >قۇرئان كەرىم< دىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. >قۇرئان كەرىم< دە مۇنداق دېيىلىدۇ: >ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلاغا ھىدايەت ۋە پەند - نەسىھەتتۇر< (5 - سۈرىنىڭ 46 - ئايىتى)، كېيىن خرىستىئانلار... (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسىمنى ئۇنتۇدى...> (5 - سۈرىنىڭ 14 - ئايىتىدىن). شۇڭا <قۇرئان كەرىم> نازىل بولدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> دە خرىستىئان دىنىنىڭ كىتابى <گوسپېل> شۇنداق دېيىلىدۇ. <ئىنجىل>، <تەۋرات>، <زەبۇر>، <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلغان تۆت ساماۋى كىتابنىڭ بىرىدۇر. <قۇرئان كەرىم> دە خرىستىئانلار <ئەھلى كىتاب> دېيىلىدۇ.بۇ كىتاب <گوسپېل> دۇر. ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا خرىستىئان دىنىنىڭ بەزى مەزھەپلىرى كەڭ تارقالغان، <ئىنجىل> دىكى شەخسلەر (مەريەم، ئىيسا، زەكەرىيا، يەھيا قاتارلىقلار) توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرمۇ <قۇرئان كەرىم> گە كىرگۈزۈلگەن. دەسلەپكى چاغلاردىك مۇسۇلمانلار <ئەھدى جەدىت> تىكى <بېشارەتنامە> نى ئاللانىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ۋەھىيسى، دەپ قارىغان. يېقىنقى زاماندا <ئىنجىل> نى ئاللانىڭ ۋەھىيسى دەپ چۈشەندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە<گرېكچە
دىن
ئاللاھدىن ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن دەپ قارىلىدىغان خرىستىئان دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى.