Uyghur主要词典
ئىناۋەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جامائەت ئالدىدا قازانغان ئىشەنچ، نام - نېشان، ئېتىبار.
«ئىناۋەت» نىڭ سالمىقى ئىشەنچتە.
«ئابرۇي»، «يۈز» نىڭ سالمىقى نام - نېشاندا.
«مىڭشېڭ» خەنزۇچە: «名声» بەزى ماقالىدا تۇراقلاشقان ۋە بەزەن ئېغىز تىلىدا ئۇچرايدۇ.
ئابرۇينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات. ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ھەر كىمنىڭ ئىناۋىتى ئۆز قولىدا. ئىناۋەت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ئىناۋەتنىڭ تۈگىگىنى ئەينەكنىڭ چېقىلغىنى. ئۇ يۈزى بار، يۈزى چوڭ ئادەم. پۇ تاپقىچە يۈز تاپ. ھارۋا سۇنسا سۇنسۇن، مېڭىشېڭ كەتمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خەلق ئىچىدە ئېرىشكەن ھۆرمەت، ئىززەت، ئابرۇي، نوپۇز.
ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
نەزەر، ئېتىبار.
ئىناۋەتكە ئالماق.