Uyghur主要词典
ئىنانماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىشەنمەك:
ئىنانساڭ بەرەھمەن سۆزى راستدۇر،
دېمەيكىم سۆزى ھەم ئۆزى راستدۇر.
ئا. نىزارى، ن. زىيائ.
ھەققاكى قىلچ كەلسە باشىمغە ئىشىكىڭدىن،
يوقتۇر گۈزەرىم، خاھ ئىنان، خاھ ئىنانما.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ۋە ھەق دەپ بىلمەك
پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن. ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ. تۇرمۇشتا ئۆزۈڭنىڭ غالىب ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىشىڭ لازىم. ياخشىلىقنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئىنان. ئەخمەقنى <ئۆلدى> دېسە، چىنپۈت، ئەخمەقلىقتىن قالدى دېسە چىنپۈتمە. ئۆتكەنگە كۆزى يەتكەننىڭ كېلەچەككىمۇ كۆزى يېتەر. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۆزۈم يېتىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
راستلىقىغا قايىل بولماق، ھەقلىقنى ئېتىراپ قىلماق.
شەكلەنمەك، شۈبھىلەنمەك، گۇمانلانماق
راستلىقىغا قايىل بولماي، ئىككىلەنمەك، ھەقلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئارىسالدى بولماق.
كالۋا ئۆزگىگە ئىشىنىدۇ، ھۈنەرۋەن ئۆزىگە. ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماس. يىراقتىكىگە ئىشىنىپ، يېقىندىكىدىن شۈبھىلىنىپتۇ. دۈشمىنىڭ سوۋغات بەرسە گۇمانلان. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىگە چىنپۈت، شەكلەنمە. كەشىمنى ئالغىنى بىر كىشى، گۇمانلانغىنىم مىڭ كىشى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىشەنمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تارس. ئىشەنمەك؛ ئېتىقاد قىلماق.