Uyghur主要词典
ئىناقسىزلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتتىپاق، ئىناق بولمىغانلىق.
ئىتتىپاقلىق ئۆستۈرىدۇ، ئىتتىپاقسىزلىق توزدۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىناقسىزلىقى - بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىتتىپاق - ئىناق بولالماسلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق يوقلۇق.
ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بىرلىك ، ئۆملۈك
ئورتاق ئاساس ۋە نىشان ئاستىدا زىچ ئۇيۇشماق.
ئىتتىپاقلىق - كۈچ. ئىتتىپاقلىق بولمىغان ئۆيدە بەرىكەت يوق. ئىناقلىق بولمىغان ئۆيدە ياشاش - دوزاختا ياشاش. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىرلىك بولمىسا، تىرىكلىك بولماس. ئىتتىپاقسىزلىق توزدۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىناقسىزلىقى - بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىناق بولالماسلىق، يىرىكلىك (مۇناسىۋەتتە).
ئەگەر سۆز - چۆچەك كۆپىيىۋەرسە يولداشلار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا بولىدۇ.