Uyghur主要词典
ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى
领域: دۇنيا تارىخىئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت <يېڭى سىياسەت> نى يولغا قويغان مەزگىلىدىكى لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. روزۋېلىت 1933 - يىلى 3 - ئايدا سۆزلىگەن زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇش نۇتقىدا <دۇنيا سىياسىي ساھەسىدە مەن دۆلىتىمنى ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلدۇرىمەن> دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى پۈتۈن يەر شارىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئۇنى پەقەت غەربىي يېرىم شارغىلا قارىتىپ ئېتىلغان، دەپ چۈشەنگەن. روزۋېلىت بۇنداق چۈشىنىشكە سۈكۈت قىلغان، شۇڭا <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ بىر قاتار شەرتنامىلەر ۋە يىغىن قارارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇلل 1933 - يىلى 12 - ئايدا مونېتدىدېئودا ئۆتكۈزۈلگەن فان ئامېرىكا يىغىنىدا بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ ئېيتقان. <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> شوئارى ئاستىدا، ئامېرىكا نىكاراگوئا ۋە كارىب رايوندىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، <پلاتت تۈزىتىلگەن لايىھىسى> نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، پاناماغا ئارىلىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، ۋەھاكازالار. ئەمما لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى تاللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。