Uyghur主要词典
ئىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز بىلەن دۈشمەننى پەرق ئېتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېغىزاكى بەلگە.
<ئىمبە> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىم بىلگەن ئېزىقمايدۇ. پوستتا تۇرغۇچىلارنىڭ مەخسۇس پارولى بولىدۇ. گارنىزون كۇلىڭ سورىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكى تۇيغۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىرايىدىن بىلىنگەن ئىشارە.
ئۇنىڭ ئىمىدىن خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىملىقى مىمىكىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىم.
ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپىي بەلگە (پارول). مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قوراللارنىڭ ئېتى ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر - بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراتقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى بىلسە ئۆز كىشىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس _ ئىم بىلسە، ئەر ئۆلمەس.
1 - 54
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دورا، <ئەم> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
پۇشايماننى، ئەپسۇسنى بىلدۈرىدۇ.
ئەنۋەر تېز يامىشىپ ئەڭ ئېگىزدىكى ئۇۋا بار شاخقا چىققاندا سۆگەتنىڭ تۈۋىدە قاراپ تۇرۇشقان بالىلار <ئىم> دېيىشتى.