Uyghur主要词典
ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ ئاپپاراتلىرى
1985 - يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلدى. ئىلى بىرىنچى، ئىككىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. شۇ يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 1986 - يىلى 3 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىدە مەدەنىي مائارىپ ئورگانلىرى ئايرىپ تەسىس قىلىنىپ، ۋىلايەلتىك مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلدى. 1998 - يىولى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ۋىلايەلتىك مائارىپ كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى. شتاتى 100 نەپەر. ھازىر ئالتە فونكسىيىلىك ئىشخانا، بۆلۈم بار بولۇپ، ئۇلار: كومىتېت، ئىشخانا، كادىرلار تەشكىلات بۆلۈمى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە پىلان بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە پىلان بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ بۆلۈمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۈچ كەسپىي ئورۇن بار بولۇپ، ئۇلار: مائارىپ ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىمۇ مائارىپ كومىتېتى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。