Uyghur主要词典
ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش
领域: دۇنيا تارىخى1536 - 1537 - يىللىرى ئەنگىلىيىنىڭ لىنكولىن، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭ دىنىي تاۋاپ قىلىشنى نىقاب قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن دېھقانلار ئاممىسىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅷ نىڭ دىنىي ئىسلاھات سىياسىتىدىن نارازى بولغان كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان، رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت ئاسكې (؟ - 1537). قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزا جامائەسى يەرلىرىنى دائىرىلىۋېلىشنى مەنئى قىلىش، كونا يەر ئىجارە نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېنرىخ Ⅷ نورفولك گېرتسوگنى ئەۋەتىپ بىر تەرەپتىن ساختىپەزلىك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەكسىيەتچىل قوراللىق قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。