Uyghur主要词典
ئىلتىجا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېلىنىش، يالۋۇرۇش، پاناھ تىلەش؛ ئىلتىجا:
رەسۇلى خۇداغە قىلىپ ئىلتىجا،
دۇردۇ سەلام بىرلە ئەيلە دۇئا.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدىكى تەلەپ، تىلەك، ئۆتۈنچ. <ئىلتىجا> يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ تىلىمەك.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. خاھ پەريات قىلسىنۇ، خاھ ئىلتىجا، قاراقچى ئالغىنىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ ئەسلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
بۇيرۇق، ئەمر، پەرمان، يارلىق
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ئۆتۈنۈپ سوراش؛ مۇراجىئەت، ئىلتىماس.
- خۇدا، شۇ ناتاۋان بەندەڭنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئەزىز ئوغلۇم بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرگەن بولساڭ، - دەپ ئانا خۇدادىن بالىسىنى تېزراق تېپىۋېلىشنى تىلىدى.